
شىركىتىمىز تۇنجى مەھسۇلاتى ئۇيغۇرچە ئاندروئىدلىق بىلكان پەد بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، خېرىدارلارنىڭ ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى ۋە قىزغىن تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئېرىشتۇق. نۆۋەتتە مەھسۇلات قاتتىق دىتال سەپلىمىسىگە مەلۇم تەڭشەش، يېڭىلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تەننەرخى تۈۋەنلىتىلىپ، يېڭى مەھسۇلاتىمىز بىلكان پەد ئەپچىل نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىقتۇق.
قاتتىق دېتال سەپلىمە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
1. 1GHz لىق SAMSUNGمەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە512MBلىق RAMساقلاپ قېلىندى.
2. HDMI ساقلاپ قېلىندى، TF ئوقۇرى 32GB لىق كارتا قوللايدۇ.
3ئىكراننىڭ چوڭلۇقى 7 دىيومغا ئۆزگەرتىلدى. ئېنىقلىقى 768*1024، بەش نوقتا سىزىمچان، كوندېنساتورلۇق، 16:9 نىسبەتلىك ئېكران ئىشلىتىلدى. يانچۇققا سېلىشقا ئەپلىك.
4. ئۇرۇن بەلگىلەش سىستېمىسى مودىلى چىقىرىۋېتىلدى.
5. 3 جى تورغا ئۇلاش مودىلى چىقىرىۋېتىلدى. 3 جى تور ئۈچۈن سىرتتىن مودىم ئىشلىتىشكە تەڭشەلدى. بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، كۆچمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف قاتارلىقلارنىڭ كۆچمە تورىغا ئۇلاشقا بۇلىدۇ.
6. ئىچكى ساقلىغۇچى 16GB دىن 8GB غا چۈشۈرۈلدى.
7. Wi-Fi مودىلى كۈچەيتىلىپ b/g/n گە ئۆزگەرتىلدى. تور سىمى بىلەن روتېرغا ئۇلاپ تورغا چىقىش ئىقتىدارى تۇلۇقلاندى.
8. چوڭ USB ئېغىزى چىقىرىۋېتىلىپ، كىچىك USB ئېغىزى قوش ئىقتىدارلىق قىلىندى. بۇرۇنقىدىن كۆپ نىپىزلەشتۈرۈلدى.
9. سىرتقى قېپىغا ئاليۇمىن ئارلاشمىلىق قاپ ئىشلىتىلىپ، مۇستەھكەملىكى ئاشۇرۇلدى. سرتقى رەڭگى قارا ۋە كۆمۈش رەڭلىك ئىككى خىل.
10.يۇقىرى سىغىملىق باتارىيە سەپلەندى، ئۇدا 5 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.
| مەھسۇلاتىمىزنىڭ مۇكەممەللىكى ئۈچۈن بىزگە ياخشى تىلەكلەردە ۋە تەكلىپ-پىكىرلەردە بولغان بارلىق تورداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز، سالام بىلەن:
بىلكان شىركىتى www.bilkan.net |
مەنبەسى:بىلىك تور بېكىتى
مېنىڭچە بىلكان مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدۇ.چۈنكى ئۇلاردا ئاندروئىدتا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىش تېخنىكىسى بار. يەنە كېلىپ ئۇلار ھازىر ئاندروئىد پروگراممىلىرىنى تۈزەش ئىقتىدارلىرىنىمۇ ھازىرلىدى. مېنىڭچە بۇلارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى خېلى كەڭرى.
2 – قەۋەت دەرتمەن يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 11- يانۋار 09:27
مېنىڭچە بىلكان مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدۇ.چۈنكى ئۇلاردا ئاندروئىدتا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىش تېخنىكىسى بار. يەنە كېلىپ ئۇلار ھازىر ئاندروئىد پروگراممىلىرىنى تۈزەش ئىقتىدارلىرىنىمۇ ھازىرلىدى. مېنىڭچە بۇلارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى خېلى كەڭرى.
ئاندىروئىدتا نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ، يېزىشنى مەنمۇ بىلىمەن . مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم مەخسۇس ئۇمشاق دىتال ياكى قاتتىق دىتال ئۈستىدە ئىزدەنسە . ئالدىنقى قېتىم مىسرامىنىم مۇنبىرىرىگە تىما يوللاپتىكەن بىز ئۈچۈن بىلەت تاشلاپ قويۇڭلا دەپ . ئەگەر ئۇلا ياساپ چىققان پروگىرامما بىزگە قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن بولسا ، بىز شۇ دىتال نى دائىم ئىشلەتكە بولساق ئۆزلىكىمىزدىنلا بىلەت تاشلىغان بولاتتۇق ، ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەت تاشلاپ قويۇڭلا دەپ يالۋۇرمىغان بولاتتى . كۆردۈم ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىمۇ يامان ئەمەسكەن . بىراق يېڭىلىق يارىتىش يوق . بەكلا ئاددىي ، ئۇيغۇر كىشىلىرىمىزنى جەلىپ قىلالمايدۇ . ئۇلار ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ جار سالماي … مۇشۇ ساھەدىكىلەر بىلەن بىرلەشسە … ئۈن-تۈنسىز تىرىشسا . ھەي ~~~ ئۇيغۇرۇم دەي دىسەم گەپ تولا … ئەڭ ياخشىسى مەن ئوقۇشۇمنى پۈتۈرۈپ بولۇپ ئۆزۇم شۇنداق قىلاي ~~~ باشقىلاردىن بىھۇدە رەنجىپ يۈرمەي ”` بوپتۇ تىرىشىڭلا بىلكان !
1 – قەۋەت ئىليار يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 11- يانۋار 08:50
مىنىڭچە بۇ شىركەت مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ ، يامان بولسا گۈرۈچفون دەك يېڭىلىق ياراتسا … بۇخەقنىڭكىنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە ساتسا … كۆرۈنمەككە بىرخىل مىللى كارخانىنى قوللىغانلىقتەك تۇيۇلغان بىلەن تازا ئويلاپ باقساق يەنىلا بۇنىڭ ئۇيغۇر it چىلىقىغا قىلچىلىك پايدىسى يوق !
بىلكانپەد نى ئىشلەتكەندىن كۆرە ئايفون ياكى سامسۇڭ پەدنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن تۈزۈك . پاسىبان ، ئالىپ قاتارلىق بىر تۈرۆۈم توربەتلەتلەر مانا رەسمي ئۇيغۇر it چىلىقىغا تۆھپە قوشىۋاتىدۇ .
مىنىڭ بىكەت باشلىقىغا بىرىدىغان تەكلۋىم ، مەخسۇس بىر سەھىپە ئېچىپ يانفون – پەد لەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دەرىسلىكى يوللانسا ….
ھەمكارلىشىشنى خالايمەن !
سىزنىڭچە 小米 قانداق يېڭلىق ياراتتى ،دەڭە بىر ئاڭلاپ باقاي ،ئۇلارمۇ شۇ ئاندروئدنى خەنچىسىنى ئىشلەتتغۇ سىستېمىسغا ،قايسى تەرىپى بىر يېڭىلىققى مەن بىلەلمىدىم.بىلكان پەدنى بىر ئىشلىتىپ بىقىپ ئاندىن گەپ قىلىڭ،مەنغۇ ئىشلەتمىدىم ئەمما سەپلىمىسىگە قاراپ ھەرگىزمۇ ئايفۇن،ئايپەد لەردىن تۆۋەن تۇرمايدۇ سەپ ھىس قىلدىم،تۆۋەن تۇرىدىغان يىرى قوللىنىشچان ئۇيغۇرچە ئەپلەر ،لىكىن بۇمۇ بارا-بارا يۇقىرلايدۇ
بۇلاردا ئىستىقبال زور، لىكىنزە قوللاش كەم! ئۇيغۇر بايلاردىن ھە! دەپ يەڭ شىمايلاپ چىقىپ، ئىقتىسادتتىن قوللايدىغانلار بولسا بۇلارمۇ گۈرۈچچاقلاردەك ئالقىش ئالغان بولاتتى(شەخسىي قاراش)
ئەمما ھازىرقى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خەۋەرلىشىش بازىرىغا يۈزلىنىش ئىھتىياجىنى كۆزدە تۈتقاندا، بۇلار(بىلكان شىركىتى) يەنىلا بايراقدار ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. ئويلاپ باقايلى، بىر-ئىككى مىڭغا چىداپ ،ماركىلىق پەيزى تېلىفون ئالالايدىغانلار قانچىلىك؟ شۇ تېلىفوندىن پايدىلىنالايدىغانلار قانچىلىك؟
زامانىۋىي ساۋاتسىزلار ئاۋۇپ كېتىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە، بۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىش ئاقىلانىلىق ئەمەس! ئەسلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئارتۇقچە! ئەمما ئادەم ئەينەككە قارىغاندا ئۆز چىرايىنى كۆرسە خوش بولامدۇ ياكى خەقنىڭكىنىمۇ؟ بۇ نۇقتىنىمۇ ئويلاش كېرەك!
ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يانفوندا تورغا چىقىش ت...
2011-يىلى توردا مېيزۇ،شىياۋمى يانفونلىرى توغرىسىدا بەزى خەۋەرلەرنى ئۇچراتتۇق.بۈگۈن مەن مېيزۇ يانفونى ھەققىدە تەپسىلى...
2011 -يىلى توردا ئەڭ قىززىغان گۈرۈچفون 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سېتىشنى باشلاپ،3 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭ يۈرۈش...
مەن تور بېكەت ھەۋەسكارى بولۇپلا قالماي يەنە بىر يانفون ھەۋەسكارى.2011-يىلى 5 قېتىم يانفون ئالماشتۇرۇپ iphone 3gs تە ت...
ئالدىنقى ماقالىلەردە شىيامى يانفونىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. ھازىرقى تىپى Mi-one دەپ ئاتىلىدۇ. سېتىش راۋۇرۇس نورماللاشماي...
مىنىڭچە بۇ شىركەت مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ ، يامان بولسا گۈرۈچفون دەك يېڭىلىق ياراتسا … بۇخەقنىڭكىنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە ساتسا … كۆرۈنمەككە بىرخىل مىللى كارخانىنى قوللىغانلىقتەك تۇيۇلغان بىلەن تازا ئويلاپ باقساق يەنىلا بۇنىڭ ئۇيغۇر it چىلىقىغا قىلچىلىك پايدىسى يوق !
بىلكانپەد نى ئىشلەتكەندىن كۆرە ئايفون ياكى سامسۇڭ پەدنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن تۈزۈك . پاسىبان ، ئالىپ قاتارلىق بىر تۈرۆۈم توربەتلەتلەر مانا رەسمي ئۇيغۇر it چىلىقىغا تۆھپە قوشىۋاتىدۇ .
مىنىڭ بىكەت باشلىقىغا بىرىدىغان تەكلۋىم ، مەخسۇس بىر سەھىپە ئېچىپ يانفون – پەد لەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دەرىسلىكى يوللانسا ….
ھەمكارلىشىشنى خالايمەن !