ياخشىمۇسىز-IT ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇلاھىزە ۋە باھا سورۇنى
خەۋەرلەر
بىكىتىمىزنىڭ Android يانفون نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت :2012-01-19 12:41:25 | تۈرى:يۇمشاق دېتاللار | ھالقىلىق سۆز :
tag:yahximusiz

ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يانفوندا تورغا چىقىش توسۇۋالغىلى بولمايدىغان چوڭ ئېقىمغا ئايلاندى.

تور بېكىتىمىز مۇشۇ نۇقتىنى كۆزلەپ،ئالدىنقى كۈنى كەڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون زىيارەتچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن تور بىكەت يانفون نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى.بۈگۈن بىكىتىمىزنىڭ Android يانفون نۇسخا يۇمشاق دىتالى دەسلەپكى سىناق نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. يۇمشاق دېتال داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ.تورداشلارنىڭ ئۆز يانفونىدا سىناپ بايقالغان مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشىنى سورايمىز.

APK بولىقىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: Yahximusiz_Android_beta(v1.0).apk

مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىنى نورمال تونۇيدىغان Android يانفونلىرى ئۈچۈن ئىشلەندى.

سىنالغان يانفونلار: ( سىناش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن يېڭىلىنىدۇ)

يانفون نامى ۋە سېستىمىسى

1.شىيامى يانفونى (Android 4.0)

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:

ئايغون ھالىتى

قوزغىلىش ھالىتى

ئېچىلغاندىن كېيىنكى ھالەت

 

 


جەمئىي (8)پارچە ئىنكاس بار:
  1. 1 - قەۋەت ئىليار يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 20- يانۋار 11:58

    مۇبارەك بولسۇن !!!
    تېخىمۇ تىرىشىڭ!

  2. 2 - قەۋەت ITFAN يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 21- يانۋار 11:58

    بۇ بەلەن ئىش بوپتۇ، بۇندىن كېيىن كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىز Android ئوينايدۇ، ھازىرمۇ بىزدە Android ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپەيگىلى تۇردى، بولۇپ Android 4.0 نىڭ تېگىدىنلا ئۇيغۇرچىنى قوللىشى ئادەمنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. ئەمما ماۋۇ windows تېخىچە ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ. ئاڭلىساق «يېزىقىڭدىكى خېلى كۆپ ئاتالغۇلار بىرلىككە كەلمەپتۇ دېگۈدەك، يەنىلا گۇگېل بولىدۇ، جۇمۇ!

  3. 3 - قەۋەت مايور يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 22- يانۋار 11:58

    مۇبارك بولسۇن ، ئەمما ئايفوندا تارماق بەتنى زىيارەت قىلغاندا ئىكران ئوڭ تەرەپكە يۈرۈشۈپ كىتىپ بارىدۇ . يەنە يانون بىتىگە يوللىنىدىغان سۈرەتلەرنىڭ فورماتى يانفون ئىكرانىغا ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەلسە بولغۇدەق .

  4. 4 - قەۋەت ITBOY يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 22- يانۋار 11:58

    3 – قەۋەت مايور يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 22- يانۋار 03:00

    مۇبارك بولسۇن ، ئەمما ئايفوندا تارماق بەتنى زىيارەت قىلغاندا ئىكران ئوڭ تەرەپكە يۈرۈشۈپ كىتىپ بارىدۇ . يەنە يانون بىتىگە يوللىنىدىغان سۈرەتلەرنىڭ فورماتى يانفون ئىكرانىغا ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەلسە بولغۇدەق .

    تەكلىپ – پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،مەن قاراپ باقاي

  5. 5 - قەۋەت huxdil يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 2- فېۋرال 11:58

    مىنىڭ تىلفۇنۇمدا نورمال چىقتى ،ئەمما مەزمۇن 2 تەرەپتە تەكشى ئەمەس.باش بەتنىڭ ئۈستى بىلەن 1-تىما ماۋزۇسى بىرلىشىپ كەتكەن ھالەتتە…

  6. 6 - قەۋەت qumulam يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 2- فېۋرال 11:58

    بەك ياخشى بوپتۇ…..

  7. 7 - قەۋەت ITBOY يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 3- فېۋرال 11:58

    5 – قەۋەت huxdil يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 2- فېۋرال 11:58

    مىنىڭ تىلفۇنۇمدا نورمال چىقتى ،ئەمما مەزمۇن 2 تەرەپتە تەكشى ئەمەس.باش بەتنىڭ ئۈستى بىلەن 1-تىما ماۋزۇسى بىرلىشىپ كەتكەن ھالەتتە…

    مۇمكىن بولسا ئىلخەت ئارقىلىق رەسىمىنى كېسىپ ئەۋەتىپ بېرىڭە..alyarcn@sina.com

  8. 8 - قەۋەت ئىزيار يېزىلغان ۋاقتى : 2012- يىل 6- فېۋرال 11:58

    مەنمۇ قىلاي دىگەن نەدىن قول سېلىشنى بىلمىگەنتىم !!! بولسا مۇشۇ جەھەتتە بىر يىتەكلىگەن بولسىڭىز … :!:

مەنمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي (ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى نورماللاشتى) »

ياخشىمۇسىزنى يانفوندا كۆرۈڭ
ئېلان ھەمكارلىقى
科迪科技 Qutyar.net huxdil alkamal
ئىزدەدىن ماتىرىيال ئىزدەڭ
Izda
توربەت ئىزدەرەسىم ئىزدەناخشا ئىزدە
بىلەت تاشلاڭ
    • iPad ماركا ھوقۇقى ماجراسىدا سىز قايسى تەرەپنى قوللايسىز؟

      تاشلانغان بىلەتلەرنى كۆرۈش

      Loading ... سەل ساقلاڭ ...
  • ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر

    ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يانفوندا تورغا چىقىش ت...

     2011-يىلى توردا مېيزۇ،شىياۋمى يانفونلىرى توغرىسىدا بەزى خەۋەرلەرنى ئۇچراتتۇق.بۈگۈن مەن مېيزۇ يانفونى ھەققىدە تەپسىلى...

    2011 -يىلى توردا ئەڭ قىززىغان گۈرۈچفون 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سېتىشنى باشلاپ،3 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭ يۈرۈش...

    مەن تور بېكەت ھەۋەسكارى بولۇپلا قالماي يەنە بىر يانفون ھەۋەسكارى.2011-يىلى 5 قېتىم يانفون ئالماشتۇرۇپ iphone 3gs تە ت...

    ئالدىنقى ماقالىلەردە شىيامى يانفونىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. ھازىرقى تىپى Mi-one دەپ ئاتىلىدۇ. سېتىش راۋۇرۇس نورماللاشماي...

    ھەمكارلاشقۇچىلار (ئىلتىماس)