
2012-يىلىغا ئاللىقاچان قەدەم قويۇپ بولدۇق.پات يېقىندا باشلىنىدىغان،2012-يىلىدا كىشىلەرنى ئەڭ تەقەززا قىلىشقا ئەرزىيدىغان پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى قايسى؟تۆۋەندە بىز 2011-يىلىدىكى ھەرخىل ئۇچۇرلار ۋە تەھلىللەردىن پايدىلىنىپ،تۆۋەندىكى 11 دانە بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرغان مەھسۇلاتنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز:
1. يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسىتىشكە بولىدىغان MacBook كومپىيۇتېرى (ئالما شىركىتى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ).
ئالما شىركىتىنىڭ Macbook مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلاش پىلانى ئاللىقاچان مەخپىيەتلىك بولماي قالدى.يېقىندا ئاشكارلانغان Macbook Air مۇتلەق ھالدا بىزنىڭ ئىنتىزار بولىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.ئىقتىدارى: تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ،تېخىمۇ چوڭ ساقلاش سىغىمىغا ئىگە ئىچكى ساقلىغۇچ،15 دىئوملۇق ئىكران.يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسىتىشنى قوللايدۇ.
2. Android 5.0 مەشخۇلات سېستىمىسى
2011-يىلى ئېلان قىلىنغان Android 4.0 مەشخۇلات سېستىمىسى شەك-سۈبھىسىزكى بۇ مەشخۇلات سۇپىسىنىڭ چوڭ بىر ئىلگىرلىشى بوپ قالدى.بۇ نۆۋەتتە بىزنىڭ Android سۇپىسىغا ئۇيغۇرچە تونۇتىشىمىزنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىدى،چۈنكى بۇ نەشىردە ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل تونىماسلىق مەسىلىسى تەلتۆكۈس ھەل بولدى .لەقىمى « jelly bean» بولغان Android 5.0 بىزنى تولىمۇ تەقەززا قىلماقتا.
3. ئالمىنىڭ IOS 6.0 نەشىرلىك مەشخۇلات سېستىمىسى
ئالدىنقى يىلى 10-ئايدا ئالما شىركىتى 3D خەرىتە تېخنىكا شىركىتىC3 Technologies نى سېتىۋالدى.بۇ IOS ئۈسكۈنىلىرىنىڭ Google غا بولغان تايىنىشىنى تۈگىتىشى مۇمكىن.بۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئالاقىلىشىش ۋە كۆپخىل ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار IOS 6 دىكى بىزنى تەقەززا قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار.
4. PlayStation 4 ئېلان قىلىنىدۇ
PlayStation دىگەن خەت ئويۇنخۇمار دوستلىرىمىزغا ناتونۇش بولمىسا كىرەك.ھەئە،بۇ ھېلىقى ئويۇنخانىلاردىكى پىلاستىنكا سېلىپ تېلىۋىزۇرغا ئۇلىنىپ ئوينىلىدىغان ھېلىقى ئويۇنچۇقنىڭ پەي نەۋرىسى.يەنە ئېسىڭىزگە كەلمىگەن بولسا جىددىيلەشمەڭ،تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرسىڭىزلا شۇئان ئېىڭىزگە كېلىدۇ.
Sony ئاللىقاچان PlayStation 4 نىڭ ئېچىش خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ بولدى.بەلكىم 2012-يىلىدىكى E3 ئويۇن يېغىنىدا كۆرگەزمە قىلىنىشى مۇمكىن.
5. Wii U
رەسىمدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى،بۇ بىر ئويۇن باشقۇرغۇچ يەنى رول.ئىكران سەپلەنگەن.ئويۇن ماشىنىسى بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ماسلىشىشچانلىققا ئېگە.
بۇ Nintendo دەپ ئاتالغان بىر ياپونىيە ئويۇن شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ،2012-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا دەسلەپتە ئامېرىكىدا سېتىلىشقا باشلايدۇ. 2011-يىلىدىكى E3 ئويۇنلار چوڭ يېغىنىدا بۇ مەھسۇلات ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ،كەڭ ھەۋەسكارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
6. Asus Padfone
ھوي،قىزچاققا قارىماي ئۇنىڭ قولىغا قاراڭ،ھەببەللى. Asus نى كومپىيۇتېر ۋە ئاساسىي تاختا ئىشلەيدۇ دەپ قالغانما؟ زامان ئۆزگەردى،ئەمدى ئۇنىڭ يانفونلىرىنىمۇ ئىشلىتەلەيسىز.
2012-يىلىنىڭ دەسلىۋىدە ئېلان قىلىش پىلانلانغان Asus Padfone بۇ يىلدا مودا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان مەھسۇلات. يانفون + تاختا كومپىيۇتېر لايىھەسى قوللىنىلغان.دىمەك ئىچىنى ۋە تېشىنى كەيگىلى بولىدىغان چاپانغا ئوخشايدۇ دېگەن گەپ.بۇ مەھسۇلات ھەم يانفونغا ھەم تاختا كومپىيۇتېرغا ماس كېلىدىغان ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ياسالغان بولغاچقا ئىكرانى 4.3 دىئوم كېلىدۇ.
7. Thunderboltنىڭ PC ئېغىزى
USB ئېغىزىنى بىلىسىز،ئۇنداقتا Thunderbolt ئېغىزىنى بۇنىڭدىن كېيىن بىلىپ قالىسىز.
Thunderbolt ئېغىزى ئەنئەنىۋى USB ئېغىزىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېز بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئەۋەتىش ئىقتىدارىغا ئېگە.بىر قىسىم يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنونى نەچچە سىكۇنتتىلا ئەۋەتەلەيسىز.لەقىمىنى مۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇ — ئاجايىپ قالتىس تۆشۈك ( راۋۇرۇس كۈلگەن ئىپادە)
8. PlayStation Vita
Sony كېينكى ئەۋلاد ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئويۇن سېستىمىسى PlayStation Vita نىڭ مۇشۇ يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.5 دىئوملۇق سەزمە ئىكران،ئىككى باشقۇرۇش رايونى،3G تورىنى قوللاش بۇ نەرسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا Wi-fi نەشىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى 249 دوللار،3G نۇسخىسىنىڭ 299 دوللار ئىكەن.
9. Windows 8 تاختا كومىيۇتېرى
ئەگەر Windows 8 مەشخۇلات سېستىمىسى كۆپچىلىكنى ئۈمۈدسىزلەندۈرمەي بۇ يىلى «سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقسا» ئۇنداقتا سامسوڭ ۋە خۇيپۇ شىركەتلىرى ناھايىتى تىزلىكتە Windows8 نىڭ تاختا كومپىيۇتېرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
10.Personal 3D Viewer
3D ئائىلە كىنوخانىڭىزدا بېشىڭىزغا بىرەر ئەسۋاپ تاقىۋىلىشنى ئويلىشىپ باققانمىدىڭىز؟ Sony مۇشۇ يىلى ئېلان قىلىدىغان Personal 3D Viewer مەھسۇلاتى سىزگە ناھايىتى قالتىس بولغان يۇقىرى سۈزۈكلۈك چۈشەنچە ھاسىل قىلدۈرىدۇ.بۇ نائۇشنىكنىڭ سېتىلىش مۆلچەر باھاسى 800 دوللار.
11. يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى پروگراممىلارنى تېلېۋىزۇردا قويۇشنى ياخشى قوللايدىغان Boxee
يېڭى يىلدىن باشلاپ Boxee ئارقىلىق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ھەقسىز تور تېلىۋىزىيىسىنى كۆرەلەيسىز،تېلېۋىزۇر ۋە Boxee ئارىسىدا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
بۇ نەرسىلەرنى ئۆزىمىز ياسىغان بولساق ئاندىن ناھايىتى پەخىرلىك ئىش بولاتتى…
ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يانفوندا تورغا چىقىش ت...
2011-يىلى توردا مېيزۇ،شىياۋمى يانفونلىرى توغرىسىدا بەزى خەۋەرلەرنى ئۇچراتتۇق.بۈگۈن مەن مېيزۇ يانفونى ھەققىدە تەپسىلى...
2011 -يىلى توردا ئەڭ قىززىغان گۈرۈچفون 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سېتىشنى باشلاپ،3 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭ يۈرۈش...
مەن تور بېكەت ھەۋەسكارى بولۇپلا قالماي يەنە بىر يانفون ھەۋەسكارى.2011-يىلى 5 قېتىم يانفون ئالماشتۇرۇپ iphone 3gs تە ت...
ئالدىنقى ماقالىلەردە شىيامى يانفونىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. ھازىرقى تىپى Mi-one دەپ ئاتىلىدۇ. سېتىش راۋۇرۇس نورماللاشماي...
بۇ دەۋىردە ياشغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەرقايسىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ئامىن!!!!!!