
ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ئاۋام پالاتاسى پالاتا باشلىقى نىيۇت گىڭرىچ پەيشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى:ئەگەر مەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىپ قالسام،2020-يىلىدىن بۇرۇن ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۈچۈن ئاي شارىغا ئولتۇراقلىشىش رايونى سالىمەن.ئۇ فىلورىدا شىتاتىدا سۆزلىگەن نوتۇقىدا ئالەمگە ئىنسانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ئۇغۇلۋار بىر پىلاننى جاكارلىدى.ئۇ يەنە جون كىننىيدىنىڭ ئۇلۇغ ئىزدىنىشىنىڭ ئىككىنجى قېتىملىقى باشلاندى،دېدى.
ئۇ بىلدۈرۇپ مۇنداق دېدى:ئاي شارى بەلكىم ئامېرىكىنىڭ 51-شىتاتىغا ئايلىنىدۇ.گەرچە 1967-يىلىدا ب د ت قارار چىقىرىپ ھىچقانداق دۆلەتنىڭ ئاي شارىدا ئېگىلىك ھوقوقى يوقلۇقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ،بىراق ئامېرىكا ،روسىيە ۋە جوڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارارغا بولغان تونۇشى بىرەك بولماي كەلدى.
گىڭرىچ مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ فىلورىدا شىتاتىدىكى خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمۈد قىلىدۇ،ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىشى بۇ شىتاتنىڭ ئاساسلىق مۇھىم كەسپى،فىلورىدا شىتاتى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنى تاللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.
ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يانفوندا تورغا چىقىش ت...
2011-يىلى توردا مېيزۇ،شىياۋمى يانفونلىرى توغرىسىدا بەزى خەۋەرلەرنى ئۇچراتتۇق.بۈگۈن مەن مېيزۇ يانفونى ھەققىدە تەپسىلى...
2011 -يىلى توردا ئەڭ قىززىغان گۈرۈچفون 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سېتىشنى باشلاپ،3 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭ يۈرۈش...
مەن تور بېكەت ھەۋەسكارى بولۇپلا قالماي يەنە بىر يانفون ھەۋەسكارى.2011-يىلى 5 قېتىم يانفون ئالماشتۇرۇپ iphone 3gs تە ت...
ئالدىنقى ماقالىلەردە شىيامى يانفونىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. ھازىرقى تىپى Mi-one دەپ ئاتىلىدۇ. سېتىش راۋۇرۇس نورماللاشماي...